”ئىككى مۇسابىقە“ كۆرۈنۈشلىرى
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20نەپەر مۇنەۋۋەر ۋەز-تەبلىغچى ۋە 25نەپەر مۇنەۋۋەر قىرائەتچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇسابىقىنى كۆرۈشكە مەملىكىتىمىزنىڭ بىرقىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دىنى زاتلار ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتى، داگوڭباۋ گېزىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، تىيانشان تورى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى ھەمدە ماھىرلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ، ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى.