مەككە مەدىنەدە قۇرئان خەتمىسى تامام بولدى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان ‹‹ رىياد گېزىتى ›› نىڭ2014-يىل 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 26-ئىيۇل كەچ ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئېتىقادچى ئامما مەككەدىكى ھەرەم مەسچىتى ۋە مەدىنەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىگە يىغىلىپ ، قەدىر كېچىسىدە ‹‹ قۇرئان ›› خەتمىسى تاماملانغانلىقىغا شاھىت بولۇشقان. بۇ مىليونلىغان مۇسۇلمان ئامما قاتنىشىشنى ۋە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇلۇغ پەيت. رامىزان ئېيىنىڭ 27-كېچىسى (قەدىر كېچىسى ، يەنى ئىسلام دىنىدىكى ‹‹ قۇرئان ›› نازىل بولغان كېچە) دە ، مەككەدىكى ھەرەم مەسچىتىدە ئارامبەخش يامغۇر ياغقان ، ئېتىقادچى ئامما ئۇلۇغ رامىزان ئېيى بىلەن خوشلىشىشقا قىيماي كۆز يېشى قىلىشقان. (خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدىن ئېلىندى)
1/7
上一篇:شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدىكى پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
下一篇:ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت پۈتۈپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى