مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتى
7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ مۇسۇلمان ئاممىسى روزى ھېيتنى كۈتۈۋالدى. 29-چىسلا بېيجىڭ ۋاقتى 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ھەر تەرەپتىن ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە قاراپ ماڭدى. 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مەسچىت ئىمامى روزى ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە ھېيت ئۆتكۈزۈش قائىدە- يۇسۇنلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا ۋەز-تەبلىغ قىلىشقا باشلىدى. 9دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ھېيت نامىزى باشلاندى، ھېيت نامىزىنى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمام سەمىمىيلىك، ياخشىلىق قىلىش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان ھالدا خۇتبە سۆزلىدى. 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ھېيت نامىزى ئاخىرلاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى ھېيت نامىزىغا قاتناشقان مۇسۇلمان ئاممىسى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
1/7
上一篇:جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى ئېچىلدى
下一篇: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇچۇر ئالاقە خىزمەت يىغىنى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام تاراتقۇلىرى ئالاقە يىغىنى جىنەن شەھىرىدە ئېچىلدى